ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ماجراسى مەسىلىسىدە يېڭى سۆھبەت باشلىدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى يېڭى بىر قارار سۆھبەت سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە باشلاندى. بۇ ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتە ئامېرىكا تەرەپ، خىتاينى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەشكە دەۋەت قىلماقچى.

2005 - يىلى يانۋاردا، دۇنيا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى چەكلىمە تۈزۈمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتى شىددەت بىلەن ئېشىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ يىلدىلا ئامېرىكىدىكى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇندىن 19 ئى ئېتىلىپ قالغان ۋە نەتىجىدە 26 مىڭ ئىشچى ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

يېقىندا ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ئورۇنلاردىن كەلگەن كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا، خىتايدىن ئىشتان، كۆينەك ۋە ئىچ كىيىم قاتارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا چەكلىمە قويغان بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ماللارغا چەكلىمە قويۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىغا قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلدى. ئەمما خىتاي توقۇمىچىلىق سانائىتى ئويۇشمىسى، ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ سۆھبەتنىڭ ئۇلارغا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭكىدىنمۇ تەسرەك توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)