ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېيجىڭنى خىتاي - ئامېرىكا سودا تەڭپۇڭلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى


2006.01.10

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتا مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ماكس باۋكۇس سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ، خىتاي - ئامېرىكا سودا بالانىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزەتمىسىە، " ۋاشىنگتون خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەش يولىدا تەدبىر ئېلىشى مۈمكىن" دەپ كۆرسەتتى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمىر، يېقىندا 2006- يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بارلىق تاۋارلاردىن 27 % باج ئېلىش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇپ، خىتاي - ئامېرىكا سودا بالانىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باۋكۇسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسى شۇمىرنىڭ قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى قوللىمىسىمۇ، ئەمما كېڭەش پالاتاسىدا شۇمىرنىڭ قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى قوللايدىغان ئەزالار خېلى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.

باۋكۇس، خىتاينىڭ ئامېرىكا خەلقى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاي - ئامېرىكا سودا بالانىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش سەمىمىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلەش مەسئۇلىيىتى بار، دەيدۇ. ماكس باۋكۇسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ يېقىندا خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قەتئىيلىكىنى يەتكۈزگەن. ئۇ، خىتاي - ئامېرىكا سودا بالانىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى " بۇ يەردە ھازىر ئامېرىكىغا جىددىي ئىقتىسادى خەتەر بار'' دەپ كۆرسەتتى. خىتاينىڭ 2005 - يىلى خىتاي - ئامېرىكا سودىسىدىكى ئاكتىپ بالانىسى 200 مىليارد دوللارغا يەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.