ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ئۈستىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپ كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 30‏- مارت كۈنى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتايغا ئىكسپورت قىلىنىۋاتقان ماشىىنا زاپچاسلىرى ئۈستىدە پەيدا بولغان ئىختىلاپ تۈپەيلىدىن، خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ مەسىلىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىمۇ بارئىكەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 ‏- يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنىڭ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە خىلاپ ھالدا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماشىنا زاپچاسلىرىدىن ئىلىنىدىغان باجنى ئۆرلەتكەن.

ئامېرىكا سودا مىنستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى روب پورتمان، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بەرگەن ۋەدىلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك، دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي بىلەن سودا مەسىلىسىدە ئىختىلاپلار كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلدە، خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىدىن سودا مەسىلسىدە خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بىر پوزىتىسيىدە بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سودىدىكى تەڭسىزلىك مەسىلىسى، ئاپرىل ئىيىدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئوتتۇرىىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىدىن بىرىنى تەشكىللەيدىكەن.

ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا سودىدىكى تەڭسىزلىك پەۋقۇلئاددە كېڭىيىپ، خىتاي ئامېرىكىغا 202 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋارنى كۆپ ئىكسپورت قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى، بۇ چوڭ پەرقنىڭ ئامېرىكىدا مەۋجۇت ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)