ئامېرىكا خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرىز سۇنىدۇ


2007.07.13

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى سۇزان شىۋاب، ئامېرىكىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى خىتاينىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن تالاش - تارتىشلارغا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېسىم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتە ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشنى بىكار قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھازىرغىچە خىتاينىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلمىگەن.

ئامېرىكا بۇ يىل 2 - ئايدا خىتاينى ئېكسپورت كارخانىلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش، 4 - ئايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلغان ئىدى. گەرچە خىتاي 7- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ ،لېكىن ئامېرىكا خىتاينىڭ يېڭى تاپاۋەت قانۇنىدا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۈت، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا يەنىلا خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى ئىختىلاپنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۆز كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىختىلاپى ئۈستىدىن كېسىم چىقىرىش تەلىپىنى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چاقىرىلىدىغان يىغىندا مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا خىتاينى پولات ‏- تۆمۈر، قەغەزچىلىك، ئۇچۇر ئىگىلىكى قاتارلىق سانائەت كارخانىلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش، بۇ توۋارلارنىڭ ئېكسپورت باھاسىنى ئەرزانلىتىپ، ئادالەتسىز رىقابەتكە يول ئېچىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئامېرىكىنىڭ 2006 - يىلدىكى سودا قىزىل رەقىمى 232 مىليارد دوللارغا يەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.