ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنى قايتا تەلتۆكۈس مۆلچەرلەش كېرەك
2005.04.21
ئامېرىكىنىڭ كىلەر نۆۋەتلىك سودا ۋەكىلى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن روب پورتمەن پەيشەنبە كۈنى خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ،" ئەگەر مېنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىم بىكىتىلسە، ئامېرىكا- خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنى قايتا تەلتۆكۈس مۆلچەرلەپ چىقىشقا بۇيرۇيمەن"- دېدى.
ئۇ بۇ سۆزنى ،ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مالىيە كومىتېتى چاقىرغان ئۇنىڭ سودا ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى بېكىتىش ھەققىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا قىلغان.
ئۇ سۆزىدە يەنە، "مەن ۋەزىپە ئۆتەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا ۋاستىلىرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمەن" - دېدى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەتۈر بالانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى162 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبىنىڭ خىتاينىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرمەيۋاتقانلىقىدىن بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان باشقا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ، بۇش ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ تىگىشىش قىممىتىگە بولغان كونتروللۇقنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتايدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
- ئامېرىكا ئورگانلىرى ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىغا تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى جازالاش ھەققىدە قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي شىركىتىنىڭ كانادا دۆلەت بايرىقى ئىزنىكىنى ئىشلەپچىقىرىشىنى چەكلىدى
- ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى