ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى
2005.04.10
ئامېرىكا دائىرىلىرى، خىتاي تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد باۋچېر ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەزكۇر قارارىنى ، يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رىچارد باۋچېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلكەن ئاساستا بەرگەن قارارى بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر قاتار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىككى تەرەپ يېقىندىن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىگە چېتىشلىق بولغان 6 تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شۇنىڭدەك تېررورچىلىققا زەربە بېرىش قاتارلىق خەلقئارا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىدىكەن.
بىراق، ھازىرچە ئىككى تەرەپ بىرىنچى قېتىملىق سۆھبەتنى قەيەردە ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سۆھبەتنى قاچان باشلاشنى تېخى بېكىتمىگەن، چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەت تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتنى ئۆز دۆلىتىنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوندىلىزا رايىس خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا چاقىردى
- رايىس خىتاينى زىيارەت قىلدى
- بۇش زىيارىتىدە، ياۋرۇپانى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىرىدىكەن
- ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى جازالاش ھەققىدە قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى