خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي 7 - ئاۋغۇست كۈنى ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ، 3 ھەپتىدىن كېيىن قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋۇ داۋېي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، 3 ھەپتە ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەرەققىيات ھاسىل قىلىشىنى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا بۇ ھەقتە ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سۆھبەتنىڭ 29 - ئاۋغۇست كۈنى قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
6 تەرەپ سۆھبىتى 13 كۈن داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما يىغىن تەرەققىياتىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش مەيدانغا كەلمىگەن، گەرچە بۇ ھەقتە بىرلەشمە قارار لايىھىسى ھازىرلانغان بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي كورىيە يەنىلا مەزكۇر قارار لايىھىسىگە قول قويۇشنى رەت قىلغان. (ئەقىدە)