شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى تالاش تارتىشقا چۈشۈپ قالدى


2005.09.16

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 6 تەرەپ سۆھبىتى ئوڭۇشسىزلىققا چۈشۈپ قالدى.

شىمالىي كورىيە يادرو قازىنىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىت خىلل شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر سۆھبەت يەنە ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمىسە، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلىتىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىگەن.

كرىستور خىلل، شىمالىي كورىيىنى يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. شىمالىي كورىيە ۋەكىلى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىش بىلەن بىرگە، يادرو قازىنىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلغان. شىمالىي كورىيىنىڭ تەلىپى سۆھبەتنىڭ تالاش تارتىشقا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سەۋر- تاقىتى بارغانسىرى تاشماقتىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" غا ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش تەدبىرى ئېلىشنى ئويلاشماقتا. شىمالىي كورىيىنىڭ مال - مۈلكىنى توڭلىتىشىمىز مۇمكىن"، دەپ تەكىتلىگەن.

كرىستوفىر خىلل، جۈمە كۈنى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ شىمالىي كورىيىنى يادرو قازىنى بىلەن تەمىنلەشكە قانۇنى ئاساسى يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرى ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش ئەمەس. بۇ 3 دۆلەت، ئەگەر شىمالىي كورىيە مەلۇم شەرتلەرنى ھازىرلىسا، ئۇنىڭ يادرو ئېنىرگىيىسىدىن تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىشىنىغا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.