ياپونىيە بىلەن خىتاي شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ


2005.09.27

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددى مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان شەرقىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش تارتىش قىلىنىۋاتقان رايونلاردا تەبىي گاز قېزىش مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئۈچۈن بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا سۆھبەت جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شەرقىي دېڭىزدىكى تەبىي گاز بايلىقىغا مول تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ جىددى مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ رايوندىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دائىر سۆھبەت ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، "جوڭگو ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىنى سۆزلىشىش ۋە مەسلىھەت يوللىرى بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دېدى.

ياپونىيە يېقىندا خىتايلارنىڭ تيەن ۋەيتيەن، دەپ نام بېرىلگەن تالاش - تارتىشتىكى رايوندا تەبىي گاز قېزىۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. ياپونىيە سودا مىنىستىرى سويچى ناكاگاۋانىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئاراللار ياپونىيە ئىقتىسادى رايونىغا تەۋە بولۇپ، ياپونىيىلىكلەر تەرىپىدىن كاشى تاقىم ئاراللىرى، دەپ ئاتىلىدىكەن.

ياپونىيە ھەربىي ئايروپىلانى 8 - ئاينىڭ باشلىرى بۇ رايوندا بەش دانە خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنى بايقىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.