خىتاي، رۇسىيە باش مىنىستىرلىرى بېيجىڭدا يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2005.11.03
خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جيا باۋ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان رۇسىيە باش مىنىستىرى مىكخايىل فرەدكوف بىلەن ئۇچرىشىپ، ئېنېرگىيە ۋە تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ سۆھبەتتە، رۇسىيە دائىرىلىرىنى خىتاي بىلەن نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇش سودىسى ھەققىدىكى تېزرەك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا چاقىرغان. خىتاي ۋە رۇسىيە باش مىنىستىرلىرى يەنە تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەن.
خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ "تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق" تا ئورتاق مەنپەئەتى بار بولۇپ، رۇسىيە چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ باستۇرسا، خىتاي ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېرورچىلىققا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ باستۇرۇپ كەلمەكتە.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيىدىن تېخىمۇ كۆپ نېفىت ۋە گاز سېلىۋېلىشنى پىلانلىماقتا. خەۋەرنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ۋىن جياباۋ، مىكخايىل فرەدكوف بىلەن ئۆتكۈزگەن يېپىق سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە باش مىنىستىرى مىكخايىل فرەدكوف جۈمە كۈنى يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرىشىدۇ. رۇسىيە ۋە خىتاي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋەدە قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھەمكارلىقى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى پەۋقۇلاددە تەسىر كۈچىگە قارشى تۇرۇشنى ئىستىگەن دەپ قارالماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە بىلەن خىتاي قازاقىستاننىڭ نېفىتىنى تالاشماقتا
- پۇتىن بىلەن ۋېن جياباۋ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسلىسىدە سۆھبەتلەشتى
- ۋىن جىياباۋ كىلەر ھەپتە رۇسىيىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
- ۋېن جياباۋنىڭ ياۋروپا ۋە رۇسىيە زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى
- پۇتىن موسكۋادا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى