شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىكى 5 - قارار 6 دۆلەت سۆھبىتى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى.
سۆھبەت ساھىپخانى بولغان خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىلى چىن گاڭ يىغىندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، 5 - قېتىملىق بۇ 6 دۆلەت سۆھبىتىنىڭ ھازىر ئەمەلىي ھەرىكەت باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ 4 -قارار يىغىندا كېلىشكەن ئورتاق باياناتلارنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ مەيدانى ۋە كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 4 -ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 4 -قېتىملىق 6 دۆلەت سۆھبىتىدە شىمالىي كورىيە، بارلىق يادرو قوراللىرىدىن ۋە ھازىرقى يادرو پىلانىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، بالدۇرراق "يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى" غا قايتىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكا دائىرىلىرىمۇ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە ھېچقانداق يادرو قوراللىرىنىڭ يوقلىقىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ شىمالىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىنىڭمۇ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (پەرىدە)