خىتاي- ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا ئاخىرلاشتى
2005.12.09
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ سۆھبەتنى ئىجابىي، دەپ باھالىدى ۋە 3 - نۆۋەتلىك سۆھبەتنى كېلەر يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلارمىنىستىرى روبېرت زولىيكلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئىككى كۈن داۋام قىلدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى تېرورچىلىق، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللار، يۇقۇملۇق كېسەللەر، ئىران، ئافغانىستان ۋە ئىراق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئۆز مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان.
سۆھبەت جەريانىدا دەي بىڭگو، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامسفىلد، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى خاردلېيلار سۆھبەت ئېلىپ باردى. روبېرت زولىيك، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى بىر نۇتىقىدا " ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى خىتاينى دۇنيا سىياسى، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا ئېلىپ كىرىش " دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، خىتايدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزاسى بولۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا - خىتاي يېڭى ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا ئەلچىسى خىتاينى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي 2 - نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
- بۇش خىتايدا دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى تەكىتلىدى
- ئامېرىكا خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەكتە