سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش مىنىستىرى ئىستىپا بەردى


2006.04.26

سولومون تاقىم ئاراللىرىدا كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭ سەۋەبلىك، سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مىنىستىرى سنايدېر رىنى چارشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت خونىئارادا نامايىشقا توپلاشقان خەلق سنايدېرنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چۇقان سېلىپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىگەن. سنايدېر رىنى ئۆتكەن ھەپتە باش مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەندە بۇنىڭغا نارازى بولغان خەلق كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈپ، پايتەخت كوچىلىرىدا نامايىش قىلغان ھەتتا بۇ يەردىكى خىتايلارنىڭ دۇكانلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئىدى.

شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردىكى نەچچە يۈز خىتاي بۇ يەردىن ئايرىلىپ خىتايغا ۋاقىتلىق قايتىشقا مەجبۇر بولغان. خىتايلارغا قارشى كەيپىيات ئاساسلىقى بۇ يەردىكى خىتايلار ياكى تەيۋەنلىكلەرنىڭ سولومون ھۆكۈمىتىدىكى قانۇن تۇرغۇزغۇچىلارغا پارا بېرىپ بۇ كاندىداتنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە تارالغان سۆز-چۆچەك سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن. ئەمما خىتاي ۋە تەيۋەن تەرەپ ھەر ئىككىلىسى بۇنى رەت قىلدى.

سولومون تاقىم ئاراللىرىمۇ بۇ يەردىكى باشقا تىنچ-ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدا تالاش-تارتىشتا قالغان دۆلەت بولۇپ، ئۇ تەيۋەننى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ دۆلەتلەرنى پۇل ئارقىلىق تەيۋەندىن ئايرىشقا تىرىشىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.