سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ئېفىئوپىيە ئارمىيىسى مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى چېكىندۈردى
2006.12.26
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سومالىدا داۋاملىشىۋاتقان مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئېفىئوپىيە ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن سەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن چېكىنىشكە باشلىغان.
سومالى ھۆكۈمەت ۋە ئېفىئوپىيە ئارمىيىسى سومالى ئىسلام قانۇنىي بىرلەشمىسى دەپ ئاتالغان قوزغىلاڭچى قوشۇنلار ئىگىلىۋالغان پايتەخت ئايرودرومىغا قىستاپ كەلگەن ھەمدە ئېفىئوپىيە ئايروپىلانلىرى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.
سومالى پايتەختى موزادىشا ئىسلام قانۇنى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ئىگىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئېفىئوپىيە قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ كەلمەكتە، چۈنكى ئېفىئوپىيە ئۆتكۈنچى سومالى ھۆكۈمىتىنى قوللىغان.
سومالىنىڭ جەنۇبى ئاساسەن دېگۈدەك مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن بولۇپ، خرىستىيان دىنىدىكى ئېفىئوپىيە ئىزچىل ھالدا سومالى ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلماقتا. بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش جەريانىدا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.
سەيشەنبە كۈنى ئافرىقا بىرلەشمىسى ھەم ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمىسى سومالى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.(ئۈمىدۋار)