ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ سومالىغا تىنچلىق قوشۇنى ئەۋەتىشنى مەسلىھەتلەشمەكتە


2007.01.03

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا سومالىغا تىنچلىق قوشۇنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدىن ئۇگاندا سومالىغا 1000 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىشكە ۋەدە بەرگەن. ئېفىئوپىيىمۇ خەلقئاراغا سومالى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى تەۋسىيە قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۆزىمۇ سومالى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ مۇسۇلمان قوراللىق كۈچلىرىنى چىكىندۈرگىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ برىيۇسسېلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ 3 ‏- يانۋار كۈنى برىيۇسسېلدا يىغىن ئېچىپ، سومالىغا تىنچلىق قوشۇنى ئەۋەتىش ئۈچۈن مەسلىھەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.