ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا سومالىغا تىنچلىق قوشۇنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدىن ئۇگاندا سومالىغا 1000 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىشكە ۋەدە بەرگەن. ئېفىئوپىيىمۇ خەلقئاراغا سومالى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى تەۋسىيە قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۆزىمۇ سومالى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ مۇسۇلمان قوراللىق كۈچلىرىنى چىكىندۈرگىچە جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ برىيۇسسېلدىن خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ 3 - يانۋار كۈنى برىيۇسسېلدا يىغىن ئېچىپ، سومالىغا تىنچلىق قوشۇنى ئەۋەتىش ئۈچۈن مەسلىھەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. (ۋەلى)