ئامېرىكا سومالىيىدىكى ئەلقائىدە بازىسىغا ھۇجۇم قوزغىماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ موگادىشۇ شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەلقائىدىچىلەرنىڭ سومالىدىكى بازىرىلىرىغا AC-130 بەلگىلىك تىك ئۇچار بىلەن ئۈچىنچى قېتىم ھۇجۇم قوزغىغاندا، ئەلقائىدىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، ئوساما بىنلادىن بىلەن بىللە يۈرگەن 32 ياشلىق فازىل ئابدۇللا مۇھەممەد ئۆلگەن. سومالى دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا، ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىدىكى ئەلچىخانىلىرىنى پارتلاتقان جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتىدىغان سەككىز يىللىق ھەرىكەت ئاخىرلاشتى، دېگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەلقائىدىچىلەرنىڭ سومالىدىكى جەڭچىلىرى سومالىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئېفوپىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سومالى -ئېفوپىيە بىرلەشمە قوشۇنلىرى ئۆتكەن ئايدا، ئەلقائىدە جەڭچىلىرىنى سومالىيىنىڭ پايتەختىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى. بۇ بىرلەشمە قوشۇن ھازىرغا قەدەر بۇ رايوندىكى ئەلقائىدە جەڭچىلىرىنى تازىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. (ۋەلى)