ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى سوتقا چاقىرتىلدى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چەينى يېقىندا سوت مەھكىمىسىدىن كەلگەن چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدا كىملىكى ئاشكارىلىنىپ قالغان ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمى پلام خانىم مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چەينى ئۈستىدىن سوتقا شىكايەت سۇنغان ئىدى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، يېقىندا دىك چەينى ئەپەندى سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ سوراقلىرىغا جاۋابەن ئىسپاتلىق بەرگەن. بۇ ئامېرىكا تارىخىدا مۇئاۋىن پرېزىدېنتنىڭ تۇنجى قېتىم سوتقا چاقىرتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ۋەلى)