ئامېرىكا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن ئاسىيادىمۇ پاي بازىرى قايتىدىن جانلاندى
2008.01.23
بۇنىڭدىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئامېرىكىدا پاي بازىرى سودىسىدا جىددىي تۆۋەنلەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيا، ياۋروپادىكى پاي بازارلىرىدا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ پاي بازىرىدا جىددىي تۆۋەنلەش يۈز بەردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرھال 'ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش' تەدبىرىنى قوللانغاندىن كېيىن، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئامېرىكا ۋە ئاسىيادا پاي بازارلىرى قايتىدىن جانلاندى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا بۇ قېتىم ئىجرا قىلىنغان 'ئۈسۈمنى تۆۋەنلىتىش' نېسبىتى، 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تۆۋەنلىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىدا قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىشگە نېسبەتەن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارالىق پۇل بازىرى فوندىسى IMF تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ يېقىندا قوللانغان 'ئۈسۈمنى تۆۋەنلىتىش' تەدبىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا فېدىرال غەزىنىسى دوللارنىڭ ئۆسۈمىنى يەنە چۈشۈردى
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىكى، ئافغانىستانغا 3200 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- ئامېرىكا ئادېمىرالى كىتىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئەركىن ئۆتىۋىرىدۇ، دەپ جاكارلىدى
- ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى توغرىسىدا
- ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرگە تەييارلانماقتا
- ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت پائالىيىتىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا
- "ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"









