ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل، سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى مۇسۇلمان خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ غەربى سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى يەرلىك ئاھالىلارگە قارىتىلغان ھەرىكىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكىللەندۈردى دەپ ئەيىبلىدى .
كولىن پوۋېل يۇقىرىقى سۆزنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومېتىتىدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە تەكىتلىگەن . ئۇ ، يۇقىرىقى خۇلاسىنى يېقىندا دارفۇر رايونىغا بارغان بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن پاكىتلارغا ئاساسەن چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن . كولىن پوۋېل ، سۇدان ھۆكۈمىتىنى جانجاۋېد مۇسۇلمان خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ غەربىي سۇداندىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى تېزگىنلەش يولىدا يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى دەپ ئەيىبلىگەن .
بىراق بۇ ئارىدا سۇدان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ غەربى سۇداندىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىپلىشىنى رەت قىلدى . سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇستاپا ئوسمان ئىسمايىل ، سايلام مەزگىلىدىكى بۇش ھۆكۈمىتى سايلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى ئىچكى مەسىلىلەر ۋە ئىراق ۋەزىيىتىدىن باشقا ياققا بۇراشقا ئۇرۇنماقتا دەپ تەنقىتلىگەن . ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكىنىڭ سۇدانغا نېفىت ئىمبارگوسى قويۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى . سۇدان ھۆكۈمىتى ب د ت دىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئامېرىكىنىڭ سۇندانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ لاھىيەسىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە .ئامېرىكا سۇداننى ب د ت نىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا چىقارغان جانجاۋېد خەلق ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلمىدى دەپ ئەيىبلىمەكتە . (ئەركىن)