ب د ت دارفۇردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرىدۇ


2004.10.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان، بەش كىشىلىك بىر كومىتېتنى غەربىي سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى تەكشۈرۈشكە تەيىنلىدى. كومىتېت دارفۇر رايونىدىكى كرىزىسنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياتىدىغان ياكى ياتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى دارفۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە كوفى ئاننانغا سۇنىشى كېرەك. تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە ئىتالىيىلىك قانۇن پروفېسسورى ئانتۇنىئۇ كەيسىس يىتەكچىلىك قىلىدۇ. تەكشۈرۈش ھەيئىتى گانا، پېرۇ، مىسىر ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇشۇ ساھەدە تونۇلغان مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىل قىلىندى. ئانتۇنىئۇ كەيسىس 1993 -يىلدىن 1997 -يىلغىچە ب د ت نىڭ سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش خەلقارا ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىگە يىتەكچىلىك قىلغان.

ئامېرىكا ئىلگىرى دارفۇردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغان ئىدى. خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دارفۇردا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق ياۋرۇپالىق دېپلوماتلار ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى، غەربىي سۇداندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافا ئوسمان ئىسمايىل، ئامېرىكا دارفۇردىكى كرىزىسنى ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىتى ئۈچۈن سۈيىئىستىمال قىلماقتا دەپ ۋاشىنگتوننى ئەيىبلىگەن. يېقىنقى 19 ئاي ئىچىدە غەربىي سۇداننىڭ دارفۇر رايۇنىدىكى يەرلىك خەلقتىن 50 مىڭ كىشىنىڭ ھۆكۈمەتپەرەس ئەرەپ قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ يىل 9 - ئايدا قارار چىقىرىپ، رايۇندىكى ئەرەپ قوراللىق كۈچلىرىنى قورالسىزلاندۇرمىسا سۇنداغا ئىمبارگو يۈزگۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.