ب د ت سۇداندىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى

ب د ت، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئامېرىكا، قارار لاھىيىسىنى ئاۋازغا قويغاندا رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللانمىدى.

مەزكۇر قارار لايىھە، ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دارفۇر رايونىدىكى پۇقرالار ئۇچرىغان ھۇجۇم ئىنساندارچىلىك چەك - چېگرىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ماقۇللاندى. بۇ تەكلىپنى ئەنگىلىيە ئوتتۇرىغا قويغان.

خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسى ھازىرغا قەدەر ئۇگاندا بىلەن كونگودىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئامما بۇ نۆۋەت سۇداندىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش قارارى، تۇنجى قېتىم ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئامېرىكا دەسلەپتە باشقىلارنىڭ مەزكۇر قارارنى ئامېرىكىغا قارشى سىياسى مەقسەتلەر ئۈچۈن سۈيى- ئىستىمال قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن، ئامما كېيىنرەك ب د ت بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە، مەزكۇر قارارنى رەت قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

كېلىشىمگە ئاساسەن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلار، مەزكۇر سوت مەھكىمىسىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز دۆلىتىدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە جازالىنىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. ب د ت نىڭ قارارىنى تەنقىدلىگەن سۇدان ھۆكۈمىتى، ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن سۇدان پۇقرالىرىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خارتۇم ھۆكۈمىتى، جىنايەتچىلەرنى سۇدان قانۇنلىرى بويىچە جازالايدىكەن.

ئامما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، "خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە مۇناسۋەتلىك بىر دىلونى تۇنجى قېتىم خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە،" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)