جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ب د ت نىڭ سۇدانغا ئىمبارگو قويۇشىغا قارشى چىقتى


2006.04.18

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 4 نەپەر سۇدان ئەمەلدارىغا ساياھەت ئىمبارگوسى قويۇش پىلانى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. بۇ 4 نەپەر ئەمەلدار سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرى ۋە تىنچلىق مۇساپىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ساياھەت ئىمبارگوسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2005 - يىلى 3 - ئايدا دارفۇر ۋەزىيىتى بويىچە ھازىرلىغان دوكلاتىغا ئاساسەن يولغا قويۇلماقچى ئىدى. ب د ت دا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىمبارگو تەكلىپىنىڭ ۋاقىت سائىتى يېتىپ كەلمىگەن. خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ گۇاڭيا سەيشەنبە كۈنى " جۇڭگو ھازىر بۇنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى، دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى ئەبۇجادىكى سۆھبەت داۋام قىلماقتا. بىز سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون بالتوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىمبارگو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا 2مىليون ئىنساننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن يۇرت -ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن سۇدان ھۆكۈمىتى دارفۇر رايونىدىكى ئەرەب خەلق ئەسكەرلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە ئۇلارنى رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنى يۇرت ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى رەت قىلدى.

سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا يەرلىك ئافرىقىلىقلار بىلەن ئەرەب كۈچمەنلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش 3 يىلدىن بېرى داۋام قىلماقتا. خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ساياھەت ۋە چەتئەلدىكى مال - مۈلكىنى توڭلىتىش ئىمبارگوسى قويۇلماقچى بولغان 4 نەپەر كىشىنىڭ بىرى سۇدان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، بىرى خارتۇمپەرەس ئەرەب خەلق ئەسكىرى، قالغان ئىككى نەپىرى خارتۇمپەرەس توپىلاڭچى كۈچلەرنىڭ رەھبىرى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.