خىتاي بىلەن سۇدان ھەربىي ھەمكارلىقىنى بارغانسىرى كۈچەيتمەكتە
2007.04.04
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىتاب باشلىقى لياڭ گۇاڭلې، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان سۇدان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ شىتاب باشلىقى ھاجى ئەخمەت ئەل گايلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، خىتاي بىلەن سۇدان ئوتتۇرىسىدا ھەربى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىىقنىڭ بايان قىلىشىچە، لياڭ گۇاڭلې "بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو بىلەن سۇداننىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ" دېگەندە، ھاجى ئەخمەت ئەل گايلى "سۇدان خىتاينىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى داۋاملىق قوللايدۇ" دېگەن.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خىتاي سۇداننى ھەربىي جابدۇق بىلەن ئەڭ كۆپ تەمىنلەۋاتقان دۆلەت. بۇنىڭ بەدىلىگە سۇدان خىتاينى نېفىت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. سۇداننىڭ ھەربىي قىسىملىرى خىتاينىڭ تانكا، ئۇرۇشچى ئايرۇپىلان، پىلىمۇت، مىنامۇتلىرى بىلەن قوراللىنىشقا باشلىغاندىن كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە، سۇداندا ئىچكى ئۇرۇش توختىمىدى، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدن ئايرىلدى، بىر نەچچە مىليون ئادەم ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
سۇداننىڭ دارفور رايونىدا دەھشەتلىك مىللىي قىزغىنچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، ب د ت نىڭ سۇداننى جازالاش قارارىغا خىتاي رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتتى. سۇداندا مىللىي قىرغىنچىلىق يەنە داۋاملاشماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى ھىندىستان ۋە لىۋىيەلەردە نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان
- كوندىلىزا رايىس خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى دارفۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى
- كوندالىزا رايىس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدانغا دارۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كېنىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
- ئامېرىكا خىتاينى سۇدان مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشقا چاقىردى