كىنو چولپىنى جورج كلۇنىي خىتاينى دارفۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىشقا قىستىدى
2007.07.30
دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ھوللېۋۇد كىنو چولپىنى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى جورج كلۇنىي، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قان تۆكۈلۈشنى ئاياغلاشتۇرۇشتا خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىدىن پايدىلانماق لازىملىقىنى ئەمما، خىتايغا بۇ جەھەتتە ئىشلەتكەن بېسىملارنىڭ كارغا كېلىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى بەزى غەرب پائالىيەتچىلىرى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ياردىمى ۋە سىياسىي قوللىشى سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرىگىنى يوغىنىتىپ دارفۇر رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى، دەپ قاراپ، غەرب ئەللىرىنى دارفۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بىرلىكتە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
دارفۇرغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ غوللۇق ھىمايىچىسى جورج كلۇنىي دۈشەنبە كۈنى توكيودىكى زىيارىتى جەريانىدا " بىز خىتاينىڭ بۇ ئىشتا باشلامچىلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى ۋە خىتاينىڭ باشقىلارنىڭ دېگىنىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
دارفۇر توقۇنۇشى 2003- يىلى، دارفۇر رايونىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ، ئەرەبلەرنى ئاساس قىلىدىغان سۇدان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلىڭىدىن كىيىن باشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خارتۇم ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن جانجاۋىد قوراللىق كۈچلىرى دارفۇرلۇقلارغا ئۈزلۈكسىز پاراكەندىچىلىك سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، دارفۇر رايونىدا، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە نەچچە مىليون ئادەم مۇساپىر بولۇپ كەتكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ستېۋېن سپېلبېرگ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن
- دارفۇر مەسىلىسى مۇھاكىمىسىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولمىدى
- گانا ئافرىقا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- خىتاي سۇدانغا ئىقتىسادىي جازا يولغا قويماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI ) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ياردەملەشمەكچى
- ئامېرىكا مەتبۇئاتى "دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كېرەك" دەپ يازدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دارفۇر مەسىلىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا باغلايدىغان قارار لاھىيىسى ماقۇللىدى
- خۇ جىنتاۋ شۋېتسىيە زىيارىتىدە ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدە بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن