خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيە قانىلى خاكلاندى
2007.05.04
نامەلۇم كىشىلەر خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەرھىدە ھۆكۈمەتكە قارايدىغان بىر سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سىگنالىنى تىزگىنلەۋېلىپ، مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سىگنالىدا ھۆكۈمەتكە قارشى پروگراممىلارنى تارقاتقان.
"جەنۇبىي ئاستانە گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە 1 - ماي كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى گۇاڭجۇ سۈنئىي ھەمرا كابۇللۇق تېلېۋىزىيە قانىلى سەنئەت پروگراممىسى كۆرسىتىۋاتقاندا تېلېۋىزور سىگنالى 90 مىنۇتتەك پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان شۇنداقلا بۇ جەرياندا 40 سېكۇنتتەك ھۆكۈمەتكە قارشى مەزمۇندىكى كۆرۈنۈشلەر تارقىتىلغان.
دائىرىلەر تېلېۋىزوردا ھۆكۈمەتكە قارشى قانداق كۆرۈنۈشلەر تارقىتىلغانلىقىنى ۋە پاراكەندىچىلىك ۋەقەسىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى دائىرىلەر بولسا بۇ ۋەقەگە باھا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. " جەنۇبىي ئاستانە گېزىتى" بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر جۈمە كۈنى مەزكۇر گېزىتنىڭ تور بېتىدىن ئېلىۋېتىلدى.
بۇ ۋەقە خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارايدىغان سۈنئىي ھەمرا تېلېرۋىزىيە قاناللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ۋە بۇ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ سىگنالىدا ھۆكۈمەتكە قارشى پروگراممىلارنىڭ تارقىلىش ۋەقەسى ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن فالۇنگوڭ تەرىقىتى، خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيە سىگنالىنى خاكلاپ، كومپارتىيىگە قارشى مەزمۇندىكى پروگراممىلارنى تارقاتقان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بۇ يىلمۇ ئىنتېرنەتكە دۈشمەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
- 3 - ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى
- خىتايدا ھازىر خەلقئارا خەۋەرلەرنىڭ ئەركىن تارقىتىلىشى چەكلەنمەكتە
- تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە