ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىدا كونتروللۇقنى يوقاتقان جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرمەكچى
2008.02.20
ئامېرىكا بۈگۈن (ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى) 'ئاتلانتىس' ناملىق ئالەم كېمىسى چۈشتىن بۇرۇن يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالەم بوشلۇقىدا ئاللىقاچان كونتروللۇقنى يوقاتقان بىر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرمەكچى بولغان ئىدى. بۈگۈن چۈش ۋاقتىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۈگۈن تىنچ ئوكياننىڭ ئاسمىنىدا ھاۋارايى ناچار، شۇ سەۋەبتىن بۇ پىلان كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا گېنېراللىرى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئالەم بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تەسىرى يېتىش -يەتمەسلىكىنى ئەتراپلىق مۆلچەرلەپ كۆرگەن ۋە بۇنىڭ يېڭىچە ھەربىي قورال سىناق قىلىش ئەمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىكماركنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكىتىنىڭ مۇددىئاسىنى سۈرۈشتۈرگەن. رۇسىيە بولسا، بۇنى بىر قېتىملىق يېڭىچە ھەربىي قورال سىنىقى دەپ پەرەز قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مكماركنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 2006 - يىلى 10 - ئايدا، ئالەم بوشلۇقىنى ھەربىي مۇددىئالاردىن خالى قىلىش سىياسىتىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي 2007 - يىلى 11 - ئايدا، ئۆزىنىڭ بىر ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىنى سەككىز يۈز كىلومېتىر ئىگىزلىكتە ئېتىپ پاچاقلىدى، ئۇنىڭ ئەخلەتلىرى ئالەم بوشلۇقىغا تارقالدى. ئامېرىكا بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ بىر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىدىن پەسلەپ يەر شارىغا چۈشۈشكە 250 كىلومېتىر قالغاندا ئېتىپ چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭدىكى ئەخلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا تارقىلىش دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن، ئامېرىكا بۇ جەھەتتە يەنە، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. (ۋەلى)