ئامېرىكا يەر شارى ئوربىتىسىدىكى بىر سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈردى


2008.02.21

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكىنىڭ يەرشارى ئوربىتىسىدىكى كاردىن چىققان بىر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ چۈشۈردى. ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال جېيمىس كارترايت پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دەل جايىغا تەككەنلىكىدىن "ناھايىتى خاتىرجەم" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا، ئوربىتىدىكى كاردىن چىققان مەزكۇر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى يەر شارىغا چۈشۈپ كەتسە، سۈنئىي ھەمراھنىڭ يېقىلغۇ ساندۇقىدىكى زەھەرلىك گازنىڭ كىشىلەرگە زىيان ‏- زەخمەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۈنئىي ھەمراھ چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىدا پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى ئەمەلدارلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۈنئىي ھەمراھنىڭ دەل يېقىلغۇ باكىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلار، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىغا چۈشۈپ كەتسە خىتاي ياكى رۇسىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپىنى كۆزدە تۇتقان، دەپ كۆرسىتىدۇ.

خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ قاراتمىلىقىدىن گۇمانلانماقتا. چۈنكى خىتايلار 2007 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدا ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ھەم شۇ قېتىمقى سىناقنى تاكى ئامېرىكا بايقىۋالغانغا قەدەر ھېچكىمگە تىنمىغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنى زۆرۈر ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىنى ھەربىي ھەرىكەت ئەمەس، دەپ ئەسكەرتمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.