بەش بۇرجەكلىك بىنا سۈنئىي ھەمراھنى پاچاقلاش ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى
-
2008-02-25 -
-
-
25- فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەش بۇرجەكلىك بىنا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى يېقىندا ئاتقان جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىش جەريانىنىڭ ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھدىكى زەھەرلىك يېقىلغۇنىڭ ئىنسانىيەتكە زەخمەت يەتكۈزۈش خەتىرىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوماندانلىق شتابى مۇئاۋىن شتاب باشلىقى، گېنېرال جامىس كارترايت سۈنئىي ھەمراھنى پاچاقلاش ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ: " ھەر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ۋەزىپە غەلىبىلىك تاماملاندى" دېگەن.
گېنېرال كاترايت يەنە: "پاچاقلانغان سۈنئىي ھەمراھ قالدۇقلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئانالىز بىزنى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۈردىكى، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئىنسانىيەتكە زىيانلىق يېقىلغۇسى پۈتۈنلەي پاچاقلانغان" دېگەن.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىپ ئۇزۇن بولمايلا كاشىلا چىققان بولغاچقا، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ ئاتموسفېرادا پاچاقلانغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتاي دائىرىلىرى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قوراللىرىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭ پەقەت ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر سۈنئىي ھەمراھنى پاچاقلاپ تاشلاشلا خالاس دەپ چۈشەندۈردى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا يەر شارى ئوربىتىسىدىكى بىر سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈردى
- ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىدا كونتروللۇقنى يوقاتقان جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرمەكچى
- خىتاي ئامېرىكىدا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش نازارەتچىسى : ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ
- ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسى
- كەشمىر ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى بازىسى بولامدۇ؟
- خىتايغا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ساتقان خىتاي سودىگەر تۈرمىگە ئېلىندى
- " خىتاي ئامېرىكىدىن دالاي لاما سەۋەبىدىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ "
- دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پرېزىدېنت نامزاتى دەپ قارالغان، خېلەرى كلىنتون بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھازىردىنلا بۇزۇلۇشقا باشلىدى
- ئامېرىكا خىتايدىن "بۈركۈت باچكىسى" ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خوڭكوڭدا توختىشىنى رەت قىلىش ھەرىكىتىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا چېگرا بېجىنى يۇقىرىلىتىش جازاسى قوللىنىش تەكلىپى بېرىلدى