خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھىندىستاننىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى


2007-02-05
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11‏- يانۋار كۈنى ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە ياپونىيىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھەتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى خىتاينىڭ تەرەققىياتى غەرب ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس دېگەن كۆز قاراشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەر ۋە مۇلاھىزىچىلەرنىمۇ ئويغا سېلىپ قويغان ئىدى. ئۇلار، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئالەم بوشلۇقىدا بىر ھەربىي رىقابەتنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ بىلدۈرگەن.

دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان ھۆكۈمەتلەر سىپىگە قوشۇلدى. رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ رەئىسى مادھاۋان نايەر دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قائىدە-قانۇنلارغا خىلاپ، بىز ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاندۇرماسلىقىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق سىناق ئارقىلىق بىر سۇنئىي ھەمراھنى يوقىتىش، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەخلەت مىقدارىنى كۆپەيتىۋىتىدىكەن.

مادھاۋاندىن بۇرۇن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇكەرجى ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاندۇرۇشنى توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنداق بىر ھەرىكەت پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالەم بوشلۇقىدا باشقۇرۇلۇدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش نىيىتى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينى بىر تەھدىت دەپ قارىماسلىق كېرەك، دېگەن كۆز قاراشنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت