ئىران، سۈرىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ تەھدىتكە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىراننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مۇھەممەد رېزا ئارېف چارشەنبە كۈنى سۈرىيە باش مىنىستىرى مۇھەممەد ناجى ئوتارى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىراننىڭ سۈرىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ "تەھدىت" كە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇھەممەد رېزا ئارېف سۆزىدە، "بىز ھەر قاچان سۈرىيىنىڭ تەھدىتكە تاقابىل تۇرىشىغا ياردەمدە بولىمىز" دېدى. سۈرىيە باش مىنىستىرى ئوتارىمۇ ئوخشاش قاراشتا بولۇپ، " بۇنداق سەزگۈر بىر پەيتتە، نۇرغۇن رىقابەتلەرگە ئىككى دۆلەت ئورتاق ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى زۆرۈر" دەپ بىلدۈردى.

گەرچە خەۋەردە ئۇلار تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن "تەھدىت" ۋە "رىقابەت" لەرنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككىلا دۆلەت، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جازا بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان دۆلەتلەردۇر.

ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئىراننى يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىسىتىرى رەفىق خارىرىنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرىلىشى بىلەن يىرىكلەشتى. شۇنداقلا ئامېرىكا بۇ سەۋەپتىن ھەر ئىككىلا دۆلەتتىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى.

ئىران بىلەن سۈرىيە ئۇزۇندىن بېرى ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بولۇپ، ھەتتا سۈرىيە 1980 - يىلىدىن 1988 -يىلىغىچە سوزۇلغان ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ، ئىران بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت باغلىغان بىردىن-بىر ئەرەب دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (پەرىدە)