ئامېرىكا سۈرىيىنىڭ لىۋاندىكى قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى


2005.03.04

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش سۈرىيىنىڭ لىۋاندىكى قوشۇنلىرىنى بۇ يىل 5 - ئايغىچە پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. پرېزىدېنت بۇش، " بىز قوشۇن چېكىندۈرۈش دېگىنىمىز، يېرىم - ياتا قوشۇن چېكىندۈرۈش ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈشنى كۆزدە تۇتقان،" دەپ كۆرسەتتى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەسئەد شەنبە كۈنى لىۋاندىكى سۈرىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمى چېكىنىدىغانلىقىنى جاكالايدىكەن. سۈرىيە، لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى خارىرى بېيرۇتتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋاندىكى سۈرىيە قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغۇچىلار سېپىگە سەئۇدى ئەرەبىستان قېتىلدى.

پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش تەلىپى سۈرىيە قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " بولۇپمۇ سۈرىيە لىۋاندىكى بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات خادىملىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك،" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

"ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش سۇرىيە قىسىملىرىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا لىۋاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن بۇرۇن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، قوشۇن چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە سودىلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، سۈرىيە قوشۇن چېكىندۈرۈشنى بىجا كەلتۈرمىسە، "مېنىڭ ئاخىرقى تاللاش يولۇم ھەربىي ھەرىكەت بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن. ھازىر لىۋاندا 15 مىڭ كىشىلىك سۈرىيە قوشۇنى تۇرىۋاتىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.