پوۋېلل بىلەن لى جاۋشىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىختىلاپقا چۈشۈپ قالدى
2004.10.01
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۇچرۇشۇپ، خىتاينىڭ كاپالەتچىلىگىدىكى شىمالى كورىيە يادرو كرىزىسىنى ھەل قىلىش بويىچە 6 دۆلەت سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلدى،
بىراق ئىككى تەرەپ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپىغا چۈشۈپ قالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى، لى جاۋشىڭ بىلەن كولىن پوۋېللنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنى كۆرسەتتى. لى جاۋشىڭ، جوگو ھۆكۈمىتى پرىزىدېنت بۇش ۋە كولىن پوۋېللنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ دىدى.
بىراق لى جاۋشىڭ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىغا ئاساسلىنىپ، تەيۋەنگە قورال - يارا ق سېتىپ بېرىش ھەركىتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەيۋەنگە قورال- ياراق سېتىپ بېرىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىشنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى مۇقىملىققا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بىراق كولىن پوۋېلل لى جاۋشىڭنىڭ يۇقارقى قارىشىنى رەت قىلدى.ئۇ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىشىدىكى سەۋەبى تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش دەپ كۆرسەتتى. كولىن پوۋېلل، ئامېرىكا 25 - يىلدىن بېرى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار يەنە سۇداننىڭ دارفۇر رايۇنىدىكى كرىزىس ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.(ئەركىن)