ئامېرىكا ۋە ياپونىيە، تەيۋەننى ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك رامكىسى ئىچىگە ئالغاندىن كىيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 12 تۈرلۈك ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنى جاكارلىغان.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تۈرى خىتاي بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدا تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش، " ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىدىكى ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشانلىرىنىڭ بىرى" دەپ كۆرسىتىلگەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، ئۇنىڭغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ۋەزىيەت ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، "ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ھۆججەت چىقىرىشى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزگەنلىك. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ" دېگەن. ئەمما تەيۋەن ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ تەيۋەننى بىخەتەرلىك رامكىسى ئىچىگە ئالغانلىقىنى قارشى ئالغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفىل، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوبۇتاكا ماشىمۇرا ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوشىنورى ئونۇ سۆھبەتتە يەنە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. (ئارزۇ)