ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون تەيۋەننى زىيارەت قىلدى
ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون يەكشەنبە كۈنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى ۋە سىياسى كرىزىسنى يۇمشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كلىنتوننىڭ تەيۋەندىكى زىيارىتى 24 سائەت داۋاملاشقان. ئۇ، زىيارەت جەرياندا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى شۇنداقلا چېن شۈيبيەننىڭ كلىنتون شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى. كلىنتون، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەكلىپى بويىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ، تەيۋەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىن مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.
كلىنتون، دۈشەنبە كۈنى تەيبېيدە "مېنىڭ ھاياتىم" ناملىق ئەسلىمىسىنى تارقىتىش شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، بىر جوڭگو سىياسىتىنىڭ تەيۋەننى قوغداپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ سۆز تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
كلىنتون تەيۋەنگە كېلىشنىڭ ئالدىدا خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنى خەۋەر قىلىشىچە، كلىنتون تەيۋەن بوغۇزىدىكى كرىزىسنىڭ ھەل بولۇشىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرنى كۆزىتىدۇ
- خىتاي، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ تەيۋەننى ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك رامكىسى ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە، تەيۋەننى ئىككى دۆلەت خەۋپسىزلىك رامكىسىنىڭ ئىچىگە ئالىدۇ
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە قارار لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويدى
- تەيۋەن ،ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى ئەھمىيەتسىز كۆرسىتىشكە تىرىشتى
- ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋەزىپىسىدىكى ئىنستىتۇتى بىنا سېلىش ئۈچۈن 99 يىللىق ئىجارىگە قول قويدى
- ئامېرىكا تەيۋەندىكى ئورگىنىغا ھەربىي ئەمەلدار ئەۋەتمەكچى