ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەندىكى ئەڭ ئالىي ئىش بېجىرىش ئورنى بولغان ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ دېرىكتورىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسى ستېۋېن ياڭنى تۇرغۇزىدىكەن.
تەيۋەندە ئېنگلىزچە چىقىدىغان "تەيبېي ۋاقتى" گېزىتىدىن مەلۇم بولىشىچە، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ دېرىكتورى دوگلاس پال 7 -ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ خىزمىتىدىن رەسمىي ئايرىلىدىكەن. لېكىن ئامېرىكا جەمئىيىتى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ستېۋېن ياڭ، 1998 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە تەيۋەندىكى ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بولۇپ ئىشلىگەن. شۇنداقلا 2002 - يىلىدىن 2003 -يىلىغىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ۋە موڭغولىيە ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ دېرىكتورى بولغان.
نۇرغۇن سىياسىي ئانالىزچىلار ستېۋېن ياڭنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئاقايېف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدا چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)