تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ لىۋىيە، ھىندونېزىيە زىيارىتى خىتاينى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ قايتىش سەپىرىدە لىۋىيە بىلەن ھىندونېزىيىدە توختاپ ئۆتكەنلىكى، بۇ دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسۋىتى بار بېيجىڭنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن جۈمە كۈنى تەيۋەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، " خىتاي بىزنىڭ تاشقىرىغا چىقىشىمىزنى چەكلەش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرنى قوللاندى. لېكىن ئۇلار بىزنى قانچە مەنئى قىلغانسىرى بىز شۇنچىلىك ئىتتىپاقلىشىمىز ۋە ئىشەنچ توپلايمىز " دېدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيىگە ئېتىراز بىلدۈردى. خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، " بىز ھىندونېزىيىنى بىر جۇڭگو پرىنسىپىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەمەل قىلىشىنى ۋە جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى قوغدىشىغا چاقىرىمىز " دەيدۇ.

خىتاي بۇنىڭ ئالدىدا پەيشەنبە كۈنى لىۋىيىنى تەنقىد قىلىپ، چېن شۈيبيەننىڭ زىيارىتىگە يول قويغانلىقىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچلىق قىلغانلىقتۇر،دەپ ئەيىبلىگەن. چېن شۈيبيەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى پاراگۋاي ۋە كوستارىكا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغاندا ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ نيۇ - يورك ياكى لوس - ئانجېلىس شەھىرىگە قونۇشىنى رەت قىلىپ، ئالاسكاغا قونۇشىغايول قويغان بولسىمۇ، لېكىن چېن شۈيبيەن ئالاسكاغا قونۇشنى رەت قىلدى.

چېن شۈيبيەن، بۇنىڭ تەيۋەن - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، قايتىش سەپىرىدە لىۋىيە بىلەن ھىندونېزىيىنىڭ باتام ئارىلىغا قوندى ۋە لىۋىيىدە كازافى بىلەن كۆرۈشتى. ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى چېن شۈيبيەننىڭ لىۋىيە ۋە ھىندونېزىيىگە قونغانلىقىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك دىپلوماتىك غەلىبە، دەپ تەرىپلىمەكتە. (ئەركىن)