ئامېرىكا ئادېمىرالى كىتىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئەركىن ئۆتىۋىرىدۇ، دەپ جاكارلىدى
2008.01.16
ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ «كىچىك لاچىن» ئاۋىئاماتكا پاراخوتلار توپى «تەشەككۇر بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن خوڭكوڭدا توختاشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بۇ تەكلىپكە خىتاي دائىرىلىرى جاۋاب قايتۇرمىغاندىن كېيىن، «كىچىك لاچىن» ئاۋىئاماتكا پاراخوتلار توپى تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق ياپونىيىدىكى بازىسىغا قايتقان ئىدى. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ باش قۇماندانى ئەدمىرال كىتىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە تېخىچە ئېنىق ئىزاھات بەرمەيۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ئىشىنىشمەسلىكنىڭ تېخىچە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئادېمىرال كىتىڭ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بەرگەندە «ئامېرىكا پاراخوتلىرى ئەمدى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئەركىن ئۆتىۋىرىدۇ، ھېچكىمدىن ئىجازەت ئالمايدۇ، چۈنكى بۇ خەلقئارالىق دېڭىز رايونى» دەپ جاكارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقى توغرىسىدا
- ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرگە تەييارلانماقتا
- خۇ جىنتاۋ بىلەن جورج بۇش تېلېفوندا تەيۋەن مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- تەيۋەن تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىككى خادىمى خىتايغا مەلۇمات ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى تەيۋەندىن ئۆتكۈزۈش پىلانىدىن ۋازكەچتى
- چېن شۈيبيەن، ب د ت غا ئەزا بولۇش نىيىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى









