رودمان: خىتاي تەيۋەن بوغىزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى بۇزدى
2006.03.17
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى پېتىر رودمان، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشى تەيۋەن بوغىزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكىنى ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنى تەڭشەشكە مەجبۇرلىماقتا، دەپ كۆرسەتتى.
رودمان پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغىزىغا 700 دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تەيۋەن بوغىزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىدا خىتاينىڭ پايدىسىغا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، خىتاينىڭ " ھەربىي تەرەققىياتى بۇ رايوندىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ بىزنى بۇنىڭغا كۆرە تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇرلىماقتا " دەيدۇ. رودمان، " بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى قەتئى ئورۇنداش " دەپ تەكىتلىگەن. رودماننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغىزىغا ئورۇنلاشتۇرغان بالىستىك بومبىلىرى يىلىغا 100 دىن كۆپىيىپ بارماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 35 مىليارد دوللار، دەپ ئېلان قىلدى. لېكىن رودماننىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئەسكەرتىشىچە،خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەقىقى ھەربىي خام چوتى 105 مىليارد دوللار بولۇشى مۈمكىن.
رودماننىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگونىڭ " بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئىنكارچى پوزىتسىيىسى ۋە ئالدامچىلىقى" ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىشنى قىيىنلاشتۇرماقتا " ئۇ، "بىز بۇرۇن ھەيران قالغانلىقىمىزغا ئوخشاش، كەلگۈسىدەھەم ھەيران قالىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك " دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ئارمىتېچ تەيۋەننى زىيارەت قىلدى
- تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىدى
- تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈينىڭ ئامېرىكا زىيارىتى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىدى
- تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ئەزاسى پرېزىدېنت بۇشقا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە خەت يازدى