تەيۋەن پرېزىدېنتى رىم پاپاسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشماقچى


2005.04.06

تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ، رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىتالىيىگە كىرىش ۋىزىسى بېرىلگەن. بۇ، ئانالىزچىلار تەرىپىدىن تەيۋەن دېپلوماتىيىسىدىكى بىر بۆسۈش دەپ قارالماقتا.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن شۈيبيەن پەيشەنبە كۈنى ئىتالىيە پايتەختى رىمغا قاراپ يولغا چىقىپ، ئاندىن رىم ئارقىلىق ۋاتىكانغا كېلىپ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.

ۋاتىكان، ياۋروپادىكى تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىردىن بىر جاي بولۇپ، چېن شۈيبيەنمۇ ۋاتىكاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى تەيۋەن پرېزىدېنتى ھېسابلىنىدىكەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۈ چىڭلوڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بولسىمۇ، ئىتالىيىنىڭ يەنىلا چېن شۈيبيەنگە ۋىزا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ۋاتىكان بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىزچىل ياخشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەگەر خىتاي دۆلىتىدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا، ئۇنىڭ ۋاتىكان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 50 - يىللىرى خىتايدىكى چەتئەللىك دىن تارقاتقۇچىلارنى قوغلاپ چىقارغاندىن بۇيان، ۋاتىكان خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى.

خوڭكوڭدىكى كاتولىك دىنى ئېپسىكوپى چېن رىجۈن، رىم پاپاسىنىڭ ھايات چېغىدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىزچىل خالاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي بولسا ۋاتىكانغا، تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھەمدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتەك ئىككى شەرتنى قويۇپ تۇرىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.