تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دوڭخۇي ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى
2004.12.27
تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دوڭخۇي، خىتاي ھۆكۈئىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي، دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىگە قاراتقان مۇنازىرىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن 81 ياشتىكى لى دوڭخۇيگە ۋىزا بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتىغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى دوڭخۇي ياپونىيىنىڭ مەركىزى رايونىغا جايلاشقان نوگايا شەھىرىنىڭ ئايرودۇرۇمىدا قوللىرىدا تەيۋەن ۋە ياپونىيە بايراقلىرىنى كۆتەرگەن بىر گۇرۇپ كىشىلەر تەرىپىدىن داغدۇغىلۇق قارشى ئىلىنغان.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى لى دوڭ خوينىڭ ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2000 - يىلى تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن لى دوڭخۇي، 12 يىللىق ھاكىمىيىتى جەريانىدا تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشقان. ئۇنىڭ 1999 - يىلى تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىككى مۇستەقىل دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇشى كېرەك دىگەن باياناتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرۈپ، تەيۋەن بىلەن ئىككى قىرغاق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنىڭ توختىتىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى.ئۇ ھازىر تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەرەپتارى بىر پارتىيىنىڭ رەھبىرى.
لى دوڭ خۇينىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى ناچارلاشقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بىر قاتار مەسىلىلەر بولۇپمۇ، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمىنىڭ توكيودىكى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى خىلىلا يىرىكلەشكەن.
بۇ ئارىدا يەكشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان بەزى ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ كىلەر يىلى ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. (قانات)