دونالد رامسفىلد تاجىكىستاننى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازا مەسىلىسىنى ئىزدىنىش ئۈچۈن تاجىكىستاننى زىيارەت قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دونالد رامسفىلد زىيارەت جەريانىدا تاجىكىستان رەھبەرلىرىگە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا ياردەم بېرىدىغان ھەربىي بازا قۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى ئىكەن.

رامسفىلد، تاجىكىستانغا ئۇچۇش سەپىرىدە مۇخبىرلارغا ئوتتۇرا ئاسىيادا قىرغىزىستاندىكى بىرلا بازىغا تايىنىپ قېلىش ۋاشىنگتوننى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، " بىز دائىم بىردىن ئارتۇق تاللاش يولىنى ھازىرلاپ قويۇشىمىز كېرەك" دەيدۇ. ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازا ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى بىردىن ‏- بىر بازىسى بولۇپ قالدى. قىرغىزىستان بولسا ئامېرىكا ھەربى بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بەرمىسە ماناس بازىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىمىز، دەپ تەھدىت سالغان.

رامسفىلدنىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، تاجىكىستان بىر قىسىم ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىغا ساھىپخانلىق قىلماقتا. تاجىكىستان 2001 - يىلدىن بېرى ئامېرىكا ھەربىي ئايرۇپىلانلىرىنىڭ دۈشەنبە ئايدۇرۇمىغا قونۇپ ماي قاچىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. لېكىن رامسفىلد تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوۋ بىلەن ئۇچراشقاندا ھەربىي بازا مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىدىغان ياكى ئېلىنمايدىغانلىقىغا ھازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر 2005 - يىلى ئاستانا يىغىنىدا ئامېرىكىنى قىرغىزىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان. (ئەركىن)