تاجىكىستان ئۈچ نەپەر ئۆزبېكىستان پۇقراسىنى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دېگەن جىنايەت بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، غەيرەت ئەشەنقۇلوپ قاتارلىق ئۈچۈن ئادەم ئايرىم –ئايرىم ھالدا 18 يىلدىن 19 يىلغىچە تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلارغا تاجىكىستاننىڭ قانۇنى بۇزۇش، ئاممىۋى، دىنى، ئىرقىي ۋە مىللىي دۈشمەنلىك پەيدا قىلىش جىنايەتلىرى ئارتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈچ نەپەر ئۆزبېكىستانلىققىمۇ ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىق بىلەن قىسقا مۇددەتلىك تۈرمە جازاسى بېرىلگەن.
ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ب د ت تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات جۈمە نەمەنگانى ۋە تاھىر يولداش قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا 1999-2000-يىللىرى ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان چېگرا رايونلىرىدا ئۆزبېك ۋە قىرغىزىستان ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۇلار ئىسلام كەرىموپ ھۆكۈمىتىنى يوقىتىپ، ئىسلامىي ھاكىمىيەت قۇرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغان ئىكەن.
نەمانگانى ئىلگىرىكى قېتىمقلىق ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدە ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يەنە بىر باشلىقى تاھىر يولداشنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. يېقىندا پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئارىسىدىكى ۋازىرىستان قەبىلىلەر رايونىدا پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلىپ، كۆپ ساندا ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)