پاكىستاندا قولغا چۈشكەن تالىبانلار قوماندانى سوراق قىلىنماقتا

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە پاكىستان رازۋېتكا خادىملىرى، چارشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ كويتە شەھىرىدە قولغا چۈشكەن، تالىبانلارنىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى موللا ئۆبەيدۇللا ئاخوندنى سوراق قىلماقتا. ئامېرىكا ۋە پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى، موللا ئۆبەيدۇللادىن تالىبانلارنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇھىم ئاخبارات قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدرۈمەكتە.

پاكىستان ھۆكۈمەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، كويتە شەھىرىدە پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، تالىبانلارنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەرنىڭ يېقىن ياردەمچىلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان موللا ئۆبەيدۇللا، ھەربىي تىك ئۇچار بىلەن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئابادغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە پاكىستان ۋە ئامېرىكا رازۋېتكا خادىملىرى ئۇنى سوراق قىلماقتا.

لېكىن جۈمە كۈنى تالىبانلارنىڭ بىر باياناتچىسى، موللا ئۆبەيدۇللا ئاخۇندنىڭ پاكىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھېلىمۇ ئافغانىستاندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، تالىبانلارنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان موللا ئۆبەيدۇللانىڭ ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينىنىڭ پاكىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىشىدىن ئىككى كۈن كېيىن تۇتۇلغانلىقىغا دىققەت قارتماقتا. بۇ زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپتىن تالىبانلار ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ جىددىي تەدبىرلەر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خادىملىرى ئۇزۇندىن بېرى، تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ كويتە شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. گەرچە 2005‏- يىلى تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى كويتە شەھىرىدە قولغا چۈشكەن بولىسمۇ، ئەمما پاكىستان تالىبانلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئافغانىستان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. (قانات)