پاكىستان ھۆكۈمىتى قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

پاكىستان ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى، پاكىستان ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن، چەتئەللىك مىلتانتلارنى رايوندىن تازىلاش ۋە رايوندىن ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تالىبانلارغا ياردەم ئەۋەتىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.

باجاۋەر رايوندىكى بىر قەبىلە بىلەن ئىمزلانغان بۇ كېلىشىم، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايوندىكى قبىلىلەر بىلەن ئىمزالىغان ئۈچۈنجى كېلىشىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

غەرب دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۈن مۇلاھىزىچىلەر پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ۋەزىرىستاندىكى قەبىلىلەر بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمىنى تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرىنىڭ رايوندا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ دەپ، قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئىمزلانغان كېلىشىملەرنىڭ ئافغانىستاندىكى چەتئەل ھەربىي كۈچلىرى ۋە ئافغان ئارمىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئازايتمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئافغانسىتاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى 2001‏- يىلى ئامېرىكنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن گۇمران بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئەلقائىدە ۋە تالىبان مىلىتانتلىرى پاكىستانغا قېچىپ، پاكىستان ئافغانىستان چېگرا رايونىدا پاناھلانغان ھەمدە رايوندىكى پەشتۇن قەبىلىلىرى ئۇلارغا پاناھلىق بېرىپ، قوغدىغان.

پاكىستان ھۆكۈمىتى رايوندا پاناھلانغان چەتئەل مىلىتانتلىرىنى تازىلاش ۋە ئۇلارنىڭ پاكىستانلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا يۈزلىگەن كىشى ئۆلگەن.

پاكىستان ھۆكۈمىتى 2005‏- يىلى رايوندىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن جەنۇبىي ۋەزىرىستاندىكى قەبىلىلەر بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالىغان ۋە ئۆتكەن يىلى سىنتەبىر ئىيىدا شمالىي ۋەزىرىئىستاندىكى قەبىلىلەر بىلەنمۇ ئوخشاش بىر كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن پاكىستانك مەزكۇر رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى توختاتقان ۋە رايوندىكى قەبىلىلەر چەتئەللىك مىلىتانتلارنىڭ مەزكۇر رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئەمما، غەرب دۆلەت خادىملىرى ھەمدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى كېلىشىمنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتىشىگە يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)