پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى توقۇنۇشلاردا ئونلىغان چەتئەللىك مىلىتانت ئۆلگەن

2007-04-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن جەنۇبى ۋەزىرىستان رايونىدا پاناھلانغان چەتئەللىك مىللىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا 19- مارت كۈنى باشلانغان توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 250 كىشى ئۆلگەن. پاكىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ ئاساسلىق قىسمىي جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا پاناھلانغان ئۆزبېك مىلىتانتلار ئىكەن.

لېكىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان دائىرىلىرى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ رايونغا بېرىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ۋە كىملىكى ھەققىدە پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەر تېخى تەرەپسىز مەنبەلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانمىغان.

جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا پاناھلانغان ئۆزبېك مىلىتانتلارنىڭ بىر قىسمى 1980‏- يىللىرى ئافغانىستاندا سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقان ئۆزبېكلەر بولۇپ، يەنە بىر قىسىمى بولسا، ئۆزبېكىستاندىكى ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتنىڭ بېسىمىدىن قېچىپ تالىبانلار ھاكىمىيىتىدىكى ئافغانىستاندا پاناھلانغان ۋە 2001‏- يىلى تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئافغانىستاندىن پاكىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۆزبېكلەر ئىكەن.

جەنۇبىي ۋزىرىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا باشلانغان توقۇنۇشنىڭ بارغانسىرى دائىرىسى كېڭەيگەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەرلىك قەبىلىلەر ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى رايوندىكى ئۆزبېك مىلىتانتلارغا قارشى جاھات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر يېغىشقا باشلىغان ئۇلار شۇنداقلا پاكىستان ئارمىيىسىنى ئۆزبېك مىلىتانتلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. پاكىستان ئارمىيە خادىملىرى، رايونغا بەزى ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ توقۇنۇشلارغا قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت