تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تالىبانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان يۈسۇف، ئافغانىستان ۋاقتى بۇيىچە جۈمە كۈنى ، گۆرۈگە ئېلىنغان 22 نەپەر كورىيەلىكنى قويۇپ بېرىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قولىدىكى تالىبانلار بىلەن ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويېترس ئاگېنتلىقى تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى يۈسۇفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئافغان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ، ئەگەر جۈمە كۈنى سائەت 12 دە 8 تالىبان مىلىتانى قويۇپ بېرىلسە ، گۆرۈگە ئالغان كورىيىلىكلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئارىئانا تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ئىشقا سېلىپ، گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەرنى قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئەمما ئۇ تالىبانلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىگە ئائىت تەپسىلاتلار ھەققىدە توختالمىغان.

ئافغانىستاننىڭ غەزنى ئۆلكىسىدىكى ساقچى باشلىقى ئامۇزەي پەيشەنبە كۈنى، مۇناسىۋەتلىك ئافغان دائىرىلىرىنىڭ ، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ساق - سالامەت قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ، تالىبانلار بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامۇزەي سۆزىدە يەنە ": بىز تالىبانلارغا قارىتا قورال ئىشلىتىش ۋاستىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى سۆزلىشىش ئارقىلىق دەسلەپ ھىچ بولمىغاندا 6 دىن 8 گىچە بولغان كىشىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئېلىپ بارىمىز " دېدى.

بۇ ئارىدا تالىبانلار، گۆرۈگە ئېلىنغانلار ئىچىدىكى بىر ئايالنى چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن تېلېفۇن ئالاقىسى قىلدۇرۇپ، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان.

گۆرۈگە ئېلىنغانلار ئىچىدە 42 ياشلىق كاتولىك دىن تارقاتقۇچىسى 25 ‏- ئىيۇل كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، تالىبانلار ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلارنىڭ شەرتىگە قوشۇلمىغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)