گۆرۆگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنى قۇتقۇزۇش مەسىلسىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى


2007.08.05

تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان 21 جەنۇبىي كورىيە پۇقراسىنى قۇتقۇزۇش مەسىلسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى.

يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەينىڭ ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى يۇسۇف ئەخمەدى، گۆرۆگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيىلىكلەر ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىن دەپ، تەھدىت قىلدى. جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت بۇش ۋە پرېزىدېنت كەرزەينىڭ ئۇچرىشىشنىڭ تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان جەنۇبىي كورىيە پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلماقتا.

لېكىن تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى، ئىككى كۈندىن بېرى جەنۇبىي كورىيە ۋە ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ گۆرۆگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش مەسىلسىدە تالىبانلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قۇرمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، "ئەگەر ئۇلار گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى خالىسىا، جىددىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر بۇ ئىش جىددىي قارالمىسا، گۆرۆگە ئېلىنغانلار ھەرقانداق چاغدا ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىن" دېگەن. ئۇ، شۇنداقلا، تالىبانلارنىڭ جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن تالىبانلارنىڭ كونتروللىقىدىكى بىر رايوندا ياكى باشقا بىر دۆلەتتە، سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەينىڭ ئۇچرىشىشى، گۆرۆگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقى مەسىلسىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، تالىبانلارنىڭ، تۈرمىدىكى تالىبان مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەيدانىنى قوللايدىكەن. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، تالىبانلارنىڭ تەلىبىنى قوبۇل قىلىش، گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىشى مۇمكىن دەپ، ئەندىشە قىلماقتا.

مارت ئېيىدا ئافغان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان بىر ئىتالىيە پۇقراىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تالىبانلارنىڭ تۈرمىدىكى بىر تالىبان قوماندانىنى قويۇپ بېرىش تەلىبىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.