ئافغانىستاندا 20 تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلدى
2008.01.19
جۈمە كۈنى، ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيىسى تەرىپىدىن، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان، كۇنار ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك بىر ھەربىي ھەرىكەتتە، 20 دىن ئارتۇق تالىبان مىلىتانتى ئۆلگەن.
كۇنار ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى فەزلۇللا ۋاھىدىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 10 دىن ئارتۇق تالىبان مىلىتانتى يارىلانغان بولۇپ، ئۇلار يېقىندا ئافغانىستاندا ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، پاكىستان چېگرىسىدىن كۇنار ئۆلكىسىگە كىرگەن ئىكەن.
كۇناردە، تالىبان قالدۇقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتكە قاتناشقان، ئافغان مىللىي ئارمىيە خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان تالىبان مىلىتانتلىرىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر بار ئىكەن.
2001- يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان تالىبانلار، قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيىسىگە قارشى ھۇجۇملار ئېلىپ بارماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندىن بېرى، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى، تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئافغانىستانغا يەنە 3200 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى، جاكارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىكى، ئافغانىستانغا 3200 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرى تالىبانلار بىلەن يېڭى بىر مەيدان جەڭ قىلدى
- ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلاردا ئونلىغان تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلدى
- ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى
- پاكىستاننىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى
- ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا 80 نەپەر تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئۆلتۈردى
- كابۇلدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 1 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 5 ئافغان پۇقراسى ئۆلدى