ئافغانىستاندا 20 تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلدى

جۈمە كۈنى، ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيىسى تەرىپىدىن، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان، كۇنار ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك بىر ھەربىي ھەرىكەتتە، 20 دىن ئارتۇق تالىبان مىلىتانتى ئۆلگەن.

كۇنار ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى فەزلۇللا ۋاھىدىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 10 دىن ئارتۇق تالىبان مىلىتانتى يارىلانغان بولۇپ، ئۇلار يېقىندا ئافغانىستاندا ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، پاكىستان چېگرىسىدىن كۇنار ئۆلكىسىگە كىرگەن ئىكەن.

كۇناردە، تالىبان قالدۇقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتكە قاتناشقان، ئافغان مىللىي ئارمىيە خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان تالىبان مىلىتانتلىرىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر بار ئىكەن.

2001‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان تالىبانلار، قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرى ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيىسىگە قارشى ھۇجۇملار ئېلىپ بارماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندىن بېرى، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى، تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئافغانىستانغا يەنە 3200 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى، جاكارلىدى.